返回首页 | 在线留言 | 收藏本站 | 设为首页
   
医院信息 最新动态 医护动态 专家介绍 科室介绍 特色专科 医院工作 患者心声
就医指南 医疗设备 网络视频 健康知识 职工文苑 社区卫生 党政工作 文化建设
乌鲁木齐市第一人民医院(儿童医院)北院欢迎您 地 址:乌鲁木齐市河南东路806号  联系电话:0991-3837966
 
 
乌鲁木齐市公共文明行为条例(党办)

乌鲁木齐市公共文明行为条例(党办)
 日期:2017-02-21  总浏览: 1683

                                                 乌鲁木齐市人大常委会公告
      《乌鲁木齐市公共文明行为条例》经2016年11月23日乌鲁木齐市第十五届人民代表大会常务委员会第四十一次会议通过;2017年1月3日新疆维吾尔自治区第十二届人民代表大会常务委员会第二十六次会议批准。现予公布,自2017年3月1日起施行。

                                                                                      乌鲁木齐市人大常委会 
                                                                                         2017年1月23日

                                                   乌鲁木齐市公共文明行为条例
    (2016年11月23日乌鲁木齐市第十五届人民代表大会常务委员会第四十一次会议通过,2017年1月3日新疆维吾尔自治区第十二届人民代表大会常务委员会第二十六次会议批准)
第一条  为了社会稳定和长治久安,弘扬中华传统美德,规范与引导公共文明行为,制止和纠正不文明行为,培育和践行社会主义核心价值观,推进城乡文明建设,提升城乡文明水平,根据有关法律、法规规定,结合本市实际,制定本条例。
第二条  本条例适用于本市行政区域内公共文明行为工作的规范与管理。
第三条  市、区(县)精神文明建设指导委员会统一领导本区域公共文明行为建设工作,构建社会积极参与、各方协同配合的工作机制,保障全市文明工作持续、有效开展。
第四条  市、区(县)人民政府负责组织实施本区域公共文明行为建设工作。
有关执法部门应明确职责,相互配合,做好公共文明行为工作。
乡镇、街道(管委会)应做好辖区居民公共文明行为宣传教育,普及公共文明行为基本知识。
社区工作委员会(居民委员会)、村民委员会积极组织开展社区和辖区单位文明共建,邻里互助,构建和谐人际关系,培育文明交往行为习惯。
     第五条   市、区(县)人民政府及有关部门应当建立健全公共文明行为表彰奖励制度,对实施公共文明行为或制止不文明行为中,做出突出贡献者予以表彰或奖励。
     第六条  单位、个人和其他组织都应当遵守城乡文明工作和公共文明行为的各项规定,开展公共文明行为宣传活动。
     第七条  本市倡导下列公共文明行为:
(一)爱国守法,自觉遵守社会公德、职业道德、家庭美德、个人品德,遵守居(村)民公约;
(二)积极参与公共文明行为建设工作。公职人员、教育工作者、窗口服务行业人员、院校学生等在公共文明行为中起表率作用;
(三)遵守公共秩序,维护公共环境,保护文物古迹,节约、珍惜公共资源;
(四)礼貌用语,友善宽容,待人和气,乐于助人,尊重民风民俗;
(五)衣着得体,干净整洁,坚持文明健康的生活、工作、休闲、娱乐方式;
(六)开展文明餐桌行动,讲究餐桌礼仪,节约粮食,文明用餐;
(七)乘坐公共交通工具,遵守乘车规则,先下后上,主动为老、弱、病、残、孕、幼乘客让座,爱护交通设施;
(八)需等候服务时依次排队,使用电梯时先下后上,使用楼梯、自动扶梯时靠其右侧上下;
(九)行走人行横道或过街设施,按交通信号灯指示通行;
(十)文明驾驶车辆,遵守交通规则;
(十一)自觉避让执行紧急任务的警务、消防、救护、工程抢险等车辆;
(十二)自觉遵守精神文明建设指导委员会倡导的其他公共文明行为。
第八条  本市禁止下列不文明行为:
(一)在校园、图书馆、纪念馆、博物馆、影剧院、医院、商场、酒店大厅、网吧、候机(车)站点等公共场所和公共交通工具内大声喧哗;
(二)使用设施、设备产生的噪声超过社会生活环境噪声排放标准;
(三)随地便溺、吐痰,乱扔果皮、纸屑、烟蒂、饮料罐、口香糖等废弃物;
(四)在公共场所语言粗俗、以侮辱性动作挑衅他人;
(五)有损民族团结和不尊重他人风俗习惯的言行;
(六)在公共绿地随意摘采花木、踩踏草坪等损坏城乡绿化的;
(七)在建(构)筑物、市政公用设施和树木上涂写、刻画或者未经批准张挂、张贴宣传品和随意发放小广告;
(八)饲养犬类等宠物干扰他人正常生产生活;
(九)闯红灯、翻越护栏,违规行驶、在公共交通道路上停放车辆;
(十)占用人行道、盲道停放车辆;
(十一)酗酒滋事,聚众赌博;
(十二)在公共场所吸烟;
(十三)损坏公共设施;
(十四)法律、法规规定应当处罚的其他不文明行为。
第九条  公民不得在互联网、手机等媒体以各种方式传播虚假、有害信息,不造谣、不传谣、不信谣。
第十条  公民有权对不文明行为进行劝阻,并向有关执法部门报告,行为人应当听从劝阻。
  第十一条  市、区(县)人民政府应当对实施本条例情况进行监督检查,对存在的问题及时依法纠正。
行政监察机关应当对执法部门及其工作人员执行本条例工作实施监察、监督。
行政主管部门应当对执法工作人员执行本条例情况建立监督检查制度,对存在的问题及时发现,及时处理。
第十二条  报纸、广播、电视、网络等公共媒体实施媒体监督机制,积极宣传报道公共文明行为典型,曝光不文明行为,营造全社会鼓励和促进文明行为的氛围。
  第十三条  违反本条例第八条第一项的,由公共场所管理人员纠正教育,情节严重的,由公安机关依法处罚;违反第二项、第四项、第五项、第八项、第九项、第十一项和第九条的,由公安机关责令改正,对其进行教育,并依法予以处罚。
第十四条  违反本条例第八条第三项、第六项、第十项的,由城市管理行政综合执法机关对其进行教育,依法予以处罚。
第十五条  违反本条例第八条第十二项的,由卫生行政主管部门对其进行教育,依法予以处罚。
  第十六条  违反本条例第八条第十三项的,公共设施行政管理部门责令其停止损坏行为,进行批评教育,依法予以处罚;对造成损失的,依法予以赔偿。
  第十七条  违反本条例第八条第七项的,由城市管理行政综合执法机关对个人处五十元以上二百元以下罚款;对张贴、发放组织者处三万元罚款。
第十八条  行为人辱骂、威胁、殴打劝阻人或执法人员,由公安机关予以警告,视情节给予二百元罚款;构成犯罪的,依法追究刑事责任。
第十九条   违反本条例规定,应当处罚的其他不文明行为,由有关行政执法部门依照法律、法规规定予以处罚。
  第二十条   违反本条例规定,情节严重且行为人拒不改正的,行政执法部门应当将处罚决定告知行为人所在单位或者社区工作委员会(居民委员会)、村民委员会。
  第二十一条  有关单位及其工作人员在公共文明行为建设工作中应当遵纪守法、热情服务、秉公执法,对不认真履行职责、不文明执法的,由行政监察部门或者其所在单位予以追究责任和行政处分。
  第二十二条  本条例自2017 年3月1日起施行。

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي
كومىتېتىنىڭ ئېلانى


<< ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى نىزامى>> 2016- يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41-يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، 2017-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا تەستىقلاندى. ھازىر ئېلان قىلىنىپ، 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
2017-يىل 1-ئاينىڭ 23-كۈنى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ<< ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى نىزامى>>نى تەستىقلىغانلىق توغرىسىدىكى قارارى

(2017-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنىدا ماقۇللاندى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-يىغىنى  << ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى نىزامى>>نى تەستىقلاشنى قارار قىلدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈزىتىش پىكرىگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ئېلان قىلىپ يولغا قويىدۇ.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى نىزامى

(2016-يىل 11-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 41-يىغىنىدا ماقۇللاندى؛ 2017-يىل 1-ئاينىڭ 3-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ  26-يىغىنىدا تەستىقلاندى)

1-ماددا بۇ نىزام ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەخلاق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، جامائەت مەدەنىي ئەخلاقىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكلەش، مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى چەكلەش ۋە تۈزىتىش، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى تەربىيلەش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، شەھەر-يېزىنىڭ مەدەنىيلىشىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شەھەرنىڭ مەدەنىيلىك سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، شەھىرىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تۈزۈپ چىقىلدى.
2-ماددا بۇ نىزام شەھىرىمىز مەمۇرىي رايونىنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاق  خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشقا تەدبىقلىنىدۇ.
3-ماددا شەھەرلىك، رايون(ناھىيە)لۇق مەنىۋىي-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى شەھىرىمىزنىڭ جامائەت مەدەنىي ئەخلاق قۇرۇلۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىپ، جەمئىيەت پائال قاتنىشىدىغان، ھەرقايسى تەرەپلەر ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، شەھەر مەدەنىيلىك خىزمىتىنىڭ ئىزچىل، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلىشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.
4-ماددا شەھەرلىك، رايون(ناھىيە)لۇق  خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدىكى جامائەت مەدەنىي ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى تەشكىللەپ، يول قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.
يېزا-بازارلىق ھۆكۈمەتلەر، كوچا باشقارمىسى(تەۋەلىكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى) تەۋەلىكىدىكى ئاھالىلەرگە جامائەت مەدەنىي ئەخلاق تەشۋىق-تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى ئاساسىي بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ.
مەھەللە خىزمىتى كومىتېتى(ئاھالىلەر كومىتېتى)، كەنت كومىتېتى تەۋەلىكىدىكى ئورۇنلار بىلەن  مەدەنىيلىكنى ئورتاق بەرپا قىلىش، خوشنىلار ئۆز-ئاراھەمدەمدە بولۇشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىناق-ئىتتىپاق بولغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بەرپا قىلىپ، مەدەنىي بېرىش-كېلىش قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.
5-ماددا شەھەرلىك، رايون(ناھىيە)لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاممىۋى مەدەنىيلىك ھەرىكەتلەرنى مۇكاپاتلاش، تەقدىرلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىش-ھەرىكەتتە جامائەت مەدەنىي ئەخلاقىغا ئۇيغۇن بولۇشتا ياكى ئەخلاقسىز قىلىمىشلارنى چەكلەشتە تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغانلارنى تەقدىرلەيدۇ ياكى مۇكاپاتلايدۇ.
6-ماددا ھەرقانداق ئورۇن، شەخسلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار شەھەر-يېزا مەدەنىيلىك خىزمىتى ۋە جامائەت مەدەنىي ئەخلاقىنىڭ تۈرلۈك بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىپ، جامائەت مەدەنىي ئەخلاق تەشۋىقاتىنى ئېلىپ بارىدۇ.
7-ماددا شەھىرىمىز تۆۋەندىكىدەك ئاممىۋى مەدەنىيلىك ھەرىكەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىدۇ:
1) ۋەتەننى سۆيۈپ، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئىجتىمائىي ئومۇمىي ئەخلاققا، كەسپىي ئەخلاققا، گۈزەل ئائىلە ئەخلاقىغا، كىشىلىك ئەخلاققا، مەھەللە(كەنت)ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە  ئاڭلىق رىئايە قىلىش؛
2) جامائەت مەدەنىي ئەخلاق قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە پائال قاتنىشىش. ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى، ئوقۇتقۇچىلار، كۆزنەكلىك مۇلازىمەت كەسپىدىكى خادىملار، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىقلار ئاممىۋى مەدەنىي ئەخلاقتا باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش؛
3) ئاممىۋى تەرتىپكە بويسۇنۇپ، ئاممىۋى مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىي يادىكارلىق، تارىخى خارابىلەرنى ئاسراش، ئاممىۋى بايلىق مەنبەسىنى تېجەش، قەدىرلەش؛
4) گەپ-سۆزدە ئەدەپلىك بولۇش، دوستانە، كەڭ قوساق بولۇش، مۇئامىلىدە سىپايە بولۇش، باشقىلارغا ئاكتىپلىق بىلەن ياردەم بېرىش، مىللىي ئۆرپ-ئادەتنى ھۆرمەت قىلىش؛
5) كىيىنىشى مەدەنىي بولۇش، پاكىزە رەتلىك بولۇش، ساغلام ھەم مەدەنىي بولغان  خىزمەت، دەم ئېلىش، كۆڭۈل ئېچىش ئۇسۇلىدا چىڭ تۇرۇش؛
6) مەدەنىي تاماق ئۈستىلى پائالىيىنى قانات يايدۇرۇپ، تاماق ئۈستىلى ئەدەپ-قائىدىسىگە ھۆرمەت قىلىش، ئاشلىقنى ئىسراپ قىلماسلىق، مەدەنىي غىزالىنىش؛
7) ئاممىۋى قاتناش قورالىغا ئولتۇرغاندا، قاتناش ۋاستىسىغا ئولتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، چۈشىدىغانلار چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن چىقىش، ياشانغان، ئاجىز، كېسەلمەن، مېيىپ، ھامىلدار، كىچىك بالىلىرى بارلارغا ئورۇن بېرىش، قاتناش ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش؛
8) ئۆچرەتتە تۇرۇپ مۇلازىمەت قوبۇل قىلغاندا، ئۆچرىتى بىلەن نۆۋەت ساقلاش، لېفىتقا ئولتۇرغاندا، ئىچىدىكىلەر چىقىپ بولغاندا ئاندىن كىرىش، پەشتاق، پەلەمپەيسىمان لېفىتتا ماڭغاندا ئوڭ تەرەپنى بېسىپ چىقىش-چۈشۈش؛
9) پىيادىلەر پىيادىلەر ئۆتۈش سىزىقى ياكى يولدىن ئۆتۈش ئەسلىھەلىرىدىن مېڭىش، قاتناش سىگنال چىرىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يولدىن ئۆتۈش؛
10) ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە مەدەنىي بولۇش، قاتناش قائىدىسىگە رىئايە قىلىش؛
11) جىددىي ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچى، ئوت ئۆچۈرۈش، جىددىي قۇتقۇزۇش، جىددىي رېمونت قىلىش ئاپتوموبىللىرىغا ئاڭلىق يول بېرىش؛
12) مەنىۋىي-مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى تەشەببۇس قىلغان باشقا جامائەت مەدەنىيلىك ئىش-ھەرىكەتلىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش.
8- ماددا شەھىرىمىزدە تۆۋەندىكى مەدەنىيەتسىز قىلىمىشلارنى قىلىش چەكلىنىدۇ:
1) مەكتەپ ئىچى، قىرائەتخانا، خاتىرە سارىيى، مۇزىيى، كىنو-تىياتىرخانا، دوختۇرخانا، سودا-ساراي، مېھمانخانا، تورخانا، ئايدۇرۇم(ۋوگزال)، بېكەت قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار ۋە ئاممىۋى قاتناش قورالىدا يۇقىرى ئاۋازدا شاۋقۇن سۈرەن قىلش؛
2) ئىشلەتكەن ئۈسكۈنە، ئەسلىھەلىرى پەيدا قىلغان شاۋقۇنى ئىجتىمائىي تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ شاۋقۇن چىقىرىش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كېتىش؛
3) خالىغان يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىش، ئۇدۇل كەلگەن يەرگە تۈكۈرۈش، مىۋە شۆپىكى، قەغەز پارچىلىرى، تاماكا قالدۇقى، ئىچىملىك قۇتىسى، سېغىز قاتارلىق تاشلاندۇق بويۇملارنى  قالايمىقان تاشلاش؛
4) ئاممىۋى سورۇنلاردا قوپال گەپلەر، ھاقارەتلىك ئىش-ھەرىكەتلەر بىلەن باشقىلارنىڭ چىشىغا تېگىش؛
5) مىللەتلەر ئىتتىپاقلىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ۋە باشقىلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە ھاقارەت قىلىدىغان سۆز-ھەرىكەتتە بولۇش؛
6) ئاممىۋى چىملىقتا خالىغانچە گۈل-گىياھلارنى ئۈزۈش، چىملارنى دەسسەش؛
7) سېلىنىۋاتقان قۇرۇلۇش (ئىمارەت)لار، شەھەر ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ۋە دەل- دەرەخلەرگە قالايمىقان خەت يېزىش، ئويۇش ياكى تەستىقلاتماي تۇرۇپ تەشۋىقات بويۇملىرىنى ئېسىش ۋە چاپلاش ھەم خالىغانچە ئېلان ۋاراقچىسى تارقىتىش؛
8) ئىت ۋە باشقا ئەرمەك ھايۋانلارنى باققاندا باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش؛
9) قىزىل چىراقنى بۆسۈپ ئۆتۈش، رىشاتكىدىن ئارتىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ يول يۈرۈش، ئاممىۋى قاتناش يولىغا ئاپتوموبىل توختىتىش؛
10) پىيادىلەر يولى ۋە ئەمالار يولىغا ئاپتوموبىل توختىتىش؛
11) ھاراق ئىچىپ ئىش چىقىرىش، توپلىشىپ قىممار ئويناش؛
12) ئاممىۋى سورۇنلاردا تاماكا چېكىش ؛
13) ئاممىۋى ئەسلىھەلىرىنى زىيانغا ئۇچرىتىش؛
14) قانۇن-نىزاملاردا بەلگىلەنگەن جازالىنىشقا تېگىشلىك باشقا مەدەنىيەتسىز قىلمىشلار؛
9-ماددا ئىنتېرنېت تورى، يانفون قاتارلىق تاراتقۇلار ياكى ۋاستىلەردىن پايدىلىنىپ، ھەرخىل شەكىلدىكى پۇقرالارنىڭ ساختا، زىيانلىق ئۇچۇرلارنى تارقىتىشقا بولمايدۇ، پىتنە-ئىغۋا پەيدا قىلماسلىق، پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىق، پىتنە-ئىغۋاغا ئىشەنمەسلىك كېرەك.
10-ماددا پۇقرالارنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلىمىشلارنى نەسىھەت قىلىپ توسۇش ھەم  مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىش ھوقۇقى بار. قىلمىشنى سادىر قىلغۇچى نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.
11-ماددا شەھەرلىك، رايون(ناھىيە)لۇق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەزكۇر نىزامنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ساقلانغان مەسلىلەرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تۈزىتىدۇ.
مەمۇرىي تەپتىش ئورگېنى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تاماقلار ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىنىڭ مەزكۇر نىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىدۇ.
مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىملارنىڭ مەزكۇر نىزامنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قارىتا، نازارەت قىلىپ، تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى تۇرغۇزۇپ، ساقلانغان مەسلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلىدۇ.
12-ماددا گېزىت، رادىئو، تېلىۋىزىيە، تور قاتارلىق ئاممىۋى تاراتقۇلار، تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، جامائەت مەدەنىي ئەخلاقىدىكى نەمۇنىلىكلەرنى پائال تەشۋىق قىلىپ، مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى پاش قىلىپ، پۈتۈن جەمئىيەتتە ئاممىۋى مەدەنىي ئىش ھەرىكەتلەرگە رىغبەت بېرىدىغان ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كەيپىياتنى يارىتىدۇ.
13-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ 8-ماددا 1)-تۈرىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى ئاممىۋى سورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى تەنقىد قىلىپ تۈزىتىدۇ، قىلمىشى ئېغىر بولغانلىرىنى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگېنى  قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ 2) ،4) ،8) ،9)،11) تۈرلىرى ۋە ئىككىنچى تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگېنى تۈزىتىشكە بۇيرۇپ، ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىدۇ ۋە قانۇن بويىچە جازالايدۇ.
14-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ 8-ماددا 3)، 6)، 10) تۈرلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا، شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇنۋېرسال قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگېنى تەربىيە قىلىپ، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.
15-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ 8-ماددا 12) تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا، تازىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى تەربىيە قىلىپ، ئۇنى قانۇن بويىچە جازالايدۇ.
16-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ 8-ماددا 13) تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارغا ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى مەمۇرىي باشقۇرغۇچى تارماقلار قىلمىش سادىر قىلغۇچىنى بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىشقا بۇيرۇپ،  ئۇنىڭغا تەربىيە قىلىپ، قانۇن بويىچە جازالايدۇ؛ زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلار، قانۇن بويىچە تۆلەيدۇ.
17-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ 8-ماددا 7) تۈرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى، شەخسىكە 50 يۈەندىن يۇقىرى 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ، قالايمىقان چاپلاش، قالايمىقان تارقىتىشنى تەشكىللىگەنلەرگە ئوتتۇزمىڭ يۈەن جەرىمانە قويىدۇ.
18-ماددا قىلمىش سادىر قىلغۇچىلاردىن نەسىھەت قىلغۇچىلار ياكى قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا ھاقارەت قىلغان، تەھدىت سالغان، ئۇرغانلارغا جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگېىنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدۇ ياكى 200 يۈەن جەرىمانە قويىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
19-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، جازالىنىشقا تېگىشلىك  بولغان باشقا مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارنى، ئالاقىدار مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار قانۇن- نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالايدۇ.
20-ماددا مەزكۇر نىزامنىڭ بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، قىلمىشى ئېغىر ھەمدە قىلمىش سادىر قىلغۇچى ئۆزگەرتىشنى خالىمىغانلارنى، مەمۇرى قانۇن ئىجرا قىلغۇچى تارماقلار جازالاش قارارىنى، قىلمىش سادىر قىلغۇچىنىڭ خىزمەت ئورنى ياكى شۇ كىشى تۇرۇشلۇق مەھەللە خىزمەت كومىتېتى(ئاھالىلەر كومىتېتى)، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتىغا ئەۋەتىپ بېرىدۇ.
21-ماددا  مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى، جامائەت مەدەنىي ئەخلاقى قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە قانۇن-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىپ، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىپ، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى كېرەك، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا ئەستايىدىل بولمىغان، قانۇن ئىجرا قىلىشتا مەدەنىي بولمىغانلارغا، مەمۇرىي تەپتىش قىلىش تارماقلىرى ياكى ئۆز خىزمەت ئورنى مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىپ، مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.
22-ماددا بۇ نىزام 2017-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويىلىدۇ.



 


版权所有 © 乌鲁木齐市第一人民医院(儿童医院)北院
院办电话:0991-3837966 3838343 医办电话:0991-3833151 服务热线:0991-3837966
地 址:新疆维吾尔自治区乌鲁木齐市河南东路806号 邮编:830011

新公网安备 65010902000268号